سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ سىچۈەنلىك ئىككى ئادۋوكاتىنىڭ سوتتىن ئاۋۋال تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.03.25
سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ سىچۈەنلىك ئىككى ئادۋوكاتىنىڭ سوتتىن ئاۋۋال تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى دەلىللەندى ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل
Photo: RFA

سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ پەيزىۋاتتىكى تۈرمىدە قايتا سوتلانغانلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ سىچۈەندىن تەكلىپ قىلىنغان ئىككى ئادۋوكاتىنىڭمۇ ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە قەشقەر ئەدلىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىش ئارقىلىق سوتقا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى، ئەمما قەشقەرنىڭ سېكرېتارى لى نىڭمىڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئابدۇجېلىلنىڭ قايتىدىن ئەيىبلىگىەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ۋەزىيەتتىن خەقۋەردار كىشىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 17-مارت كۈنى پەيزىۋاتنىڭ قالغاچ بىنام تۈرمىسىدە سودىگەر ئابدۇجېلىل ھاجىم ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت بىرقانچىلىغان ئادەتتىن تاشقىرى ھادىسىگە سەھنە ۋە تۈرتكە بولغان. دىيىلىشىچە، سىچۈەنلىك ئىككى ئادۋوكات، سوتقا جىددىي تەييارلىنىۋاتقان مەزگىلدە، يەنى سوتتىن بىر كۈن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە چاقىرتىلغان ۋە دېلوغا مەسئۇل خادىملار تەرىپىدىن ئەتىسىدىكى سوتقا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىشكە قىستالغان. ئەھۋالدىن ئەجەبلەنگەن ئادۋوكاتلار بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ئابدۇجېلىل دېلوسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىكەنلىكى ۋە ھۆكۈمنى تالاش-تارتىش قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. سىچۈەنلىك ئادۋوكاتلار سوتقا قاتنىشىشتا چىڭ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ھەر خىل شەكىلدە تەھدىت سېلىنغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى دەسلەپتە قوبۇل قىلغان خادىم مەزكۇر دېلو ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، دېلوغا مەسئۇل خادىملار مەزكۇر ئىككى ئادۋوكاتقا بۇ دېلوغا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى نىڭپىڭنىڭ قول تىققانلىقى، دېلونىڭ خۇلاسىسى چىقىپ بولغانلىقى، ئەگەر قاتنىشىشتا چىڭ تۇرسا ئابدۇجېلىلنىڭ «جىنايەتچى» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا پىكىر بايان قىلىشقا بولىدىغانلىقى، ئەمما ئاقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ چاغدا ئادۋوكاتلار ئەگەر بۇنداق قىلسا، قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقى ۋە سىچۈەنگە قايتىپ بارغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ جازالنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دېيىلىشىچە، بۇ مەيداندا دېلوغا مەسئۇل تەپتىش، سوت ۋە ساقچى خادىملىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئىككى ئادۋوكاتقا ئوچۇق ھالدا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت ئىجرائىيە بۆلۈمىنىڭ خادىمى، مەزكۇر ئىككى ئادۋوكاتنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا دېلوغا مەسئۇل خادىمنىڭ ئىشخانىدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما سىچۈەنلىك ئادۋوكاتلار بىلەن سۆزلەشكەن كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئەركىن ئىسىملىك بىر سوتچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۆزلىشىش بولغانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا دەلىللىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە دېيىشىچە، مەزكۇر تالاش-تارتىشنىڭ ئاخىرىدا ئەدلىيە خادىملىرى ئىككى ئادۋوكاتنىڭ ئەتىسىدىكى سوتقا ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن، مەسىلەن قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك يول توسۇلۇش ۋە ياكى كېسەل مىكروبى يۇقۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەنمۇ يىغىنغا قاتنىشالماسلىق ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن سىچۈەنلىك ئادۋوكاتلار سوتتا ئابدۇجېلىلنى ئاقلىماسلىق ھەم ئەيىبلىمەسلىك، پەقەت دېلونى قايتا كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ۋە ئەتىسىدىكى سوتقا قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ سىچۈەنلىك ئادۋوكالارغا ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى» نى چۈشەندۈرگەنلىكى، يەنى بۇ يەرنىڭ سىچۈەن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر مەيدان تالاش-تارتىش بولغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە سىچۈەنلىك ئادۋوكاتلارنىڭ بۇنداق سورۇنلارنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىككى ئادۋوكاتنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنىمۇ دەلىللىدى.

بىز مەزكۇر ئەدلىيە خادىمىدىن سىچۈەنلىك ئىككى ئادۋوكاتنىڭ سوت مەيدانىدا ئىلگىرىكى ۋەدىسىدە تۇرغان ياكى تۇرمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «ئۇنداق بولمىدى»، «دېلونى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى» دەپ جاۋاپ بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، سىچۈەنلىك ئادۋوكاتلار شۇ كۈنى سوتتىن كېيىن يۇرتى سىچۈەنگە ئامان-ئېسەن قايتقان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سىچۈەنلىك ئادۋوكالار، كىملىكىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغانلىقىنى سەۋەپ كۆرسىتىپ، قەشقەردە بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە مەلۇامت بېرىشنى رەت قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 2017‏-يىلى قەشقەردە كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغاندا، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى لى نىڭپىڭ باشچىلىقىدا بىر سىياسىي-قانۇن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپا كەڭ‏-كۆلەملىك تۇتقۇنغا قوماندانلىق قىلىش داۋامىدا، قەشقەردە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرلەردىن كىملەرنى تۇتۇش ۋە قانداق جازالاشتىمۇ نىشان كۆرسىتىپ بېرىش ۋە جازا بېكىتىپ بېرىش رولىنى ئوينىغان. ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل ئەنە شۇ دولقۇندا قەشقەردە تۇتقۇن قىلىنغان ھەر ساھەدىكى مىڭلارچە سەركىدىن بىرسى بولۇپ، ئۇ ئىقتىسادىي كۈچىگە تايىنىپلا ئادۋوكات تەكلىپ قىلالىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىل گەرچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كەڭ دائىرىدە ئارىلاشقان ۋە جەمئىيەتكە چۆككەن بىرسى بولسىمۇ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ۋە مىجەزىدىكى مۆتىدىللىك سەۋەبىدىن، ھۆكۈمەت بىلەن ھەر ۋاقىت ھەمكارلىشىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن ئەپ ئۆتكەن تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈنلا يۇقۇرى سوتمۇ ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئوتتۇرا سوتنى دېلونى قايتىدىن كۆزىتىشكە بۇيرىغان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئابدۇجېلىلنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى تارىخىي بولمىغان بىلەن ئۇنىڭ دىنىي زاتلارغا كۆپ ئارىلىشىش ۋە چەت ئەلگە كۆپ چىقىپ-كىرىش تارىخىي بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقۇرى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يۇقۇرى سوتنىڭ ئابدۇجېلىلنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىشى ۋە بۇ يىل ئىككى ئادۋوكاتنىڭ ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنى تۈرمىدىكى سوتتا ئاقلىشى ئابدۇجېلىلغا نىسبەتەن بىر تەلەيدەك كۆرۈنسىمۇ، دېلوغا ئاقىۋەتتە قارار بەرگۈچىىنىڭ سىياسىي-قانۇن كومېتىتى، يەنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى نىڭپىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تەقدىرىدە ياخشىلىنىشقا قاراپ بۇرۇلۇش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يۇقۇرىدا سودىگەر ئابدۇجېلىل ئابدۇخېلىلنىڭ سىچۈەنلىك ئادۋوكاتلىرىنىڭ سوتتىن ئاۋۋال تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ دېلونىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبى ۋە خۇلاسە ئېھتىماللىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.