خىتاينىڭ ئامېرىكا شەھەرلىرىدە قۇرغان يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى ئاشكارىلاندى
2025.02.04
بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى يەنى 2023-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدە قۇرغان نۇرغۇنلىغان قانۇنسىز ساقچى پونكىتلىرى ئاشكارىلىنىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. ھالبۇكى 2025-يىل كىرىشى بىلەن ئامېرىكادا خىتاينىڭ يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. ئامېرىكادىكى «كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندى» نىڭ 29-يانۋار ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، بۇ يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى، خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشىدە ئامېرىكادا قۇرۇلغان ئاتالمىش خىتاي مۇھاجىرلىرى تەشكىلاتلىرى يەنى يۇرتداشلار جەمئىيىتى (توڭشاڭخۇي)، سودىگەرلەر جەمئىيىتى (شاڭ خۇي) قاتارلىق تەشكىلاتلىرى قارمىقىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىستىخبارات ۋە قانۇن ئورگانلىرى بىلەنمۇ بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولۇشى، ئامېرىكادىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان ھەم ئەندىشىگە سالغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى جون مۇلىنار (John Robert Moolenaa) «كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ تور ئارقىلىق باستۇرغۇچى قانۇن سىستېمىسىنى ئامېرىكا تۇپرىقىدا يۈرگۈزۈش ئۇرۇنۇشى، ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇننىڭ رولىغا قىلىنغان قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھۇجۇمدۇر» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، «كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندى» نىڭ بىرنەچچە ئايلىق تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇنسىز سوت مەھكىمىلىرى ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى، نيۇ-يورك ۋە خاۋايى شتاتى قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلغان خىتاينىڭ «جېجياڭلىق يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، «ۋېنجۇلۇق يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، «فۇجيەنلىك يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، «خىتاي سودىگەرلەر جەمئىيىتى» ناملىرىدىكى قانۇنسىز تەشكىلاتلىرى قارمىقىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى قانۇن ئىجراچىلىرى بىلەن ئىنتېرنېت ۋە ئېلخەت ئالاقىسى بارلىقى مەلۇم بولغان. گەرچە خىتاينىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىگە قاراشلىق ئامېرىكادىكى خىتاي تەشكىلاتلىرى بۇ سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى (كىنىشكىسىنى) يېڭىلاش، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكادىكى قانۇن خادىملىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى مەزكۇر يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەللەردىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىكەن.
چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكادا ئاشكارىلانغان خىتاينىڭ يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى ئامېرىكانىڭ قانۇنىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپلا قالماستىن بەلكى، ئامېرىكا دۆلىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈنمۇ زور تەھدىت ئىكەن.
تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكادا بۇ خىل سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرۇشى ۋە ئۇنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشى، ئامېرىكانىڭ قانۇنىي تۈزۈلمىسىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق. بۇ، يەنە ئامېرىكادىكى ھەققانىيەتنى قوغدىغۇچى كىشىلەر ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت بولىدۇ. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ سوت مەھكىمىلىرى بەزى تەكشۈرۈشلەردە بولۇش، كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز توپلاش، كىشىلەرنىڭ پېيىغا چۈشۈش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولىدىكەن. ئۇلار يەنە بىر قىسىم ئۆكتىچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش قىلمىشلىرىدىمۇ بولىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە قىلىنغان ئېغىر دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى.»
كۈندىلىك خەۋەرلەر فوندىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئاتالمىش «يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، «سودىگەرلەر جەمئىيىتى» نامىدا قۇرۇۋالغان قانۇنسىز تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋە بىرلىكسەپ خادىملىرى ھەتتا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى خادىملىرى بىلەن قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرىدىكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئامېرىكادىكى بۇ تەشكىلاتلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئېلخەت ۋە تېلېفون ئالاقىسىدە بولغاندىن باشقا، «چاي يىغىلىشى» ياكى «چاي سۆھبىتى» قاتارلىق ناملاردا قەرەللىك يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈپ، بىر قىسىم تەشكىلات باشلىقلىرى ۋە يەر ئاستى سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىملىرى خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە، چەت ئەللەردە تۇرۇپ قالغان خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنى زورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولغانىكەن.
تېڭ بياۋ ئەپەندى يەنە بۇ قېتىم بايقالغان خىتاينىڭ يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىلگىرى چەت ئەللەردە بايقالغان خىتاينىڭ ساقچى پونكىتلىرىغا ئوخشاشلا خىتاينىڭ قانۇن ئورگانلىرى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تېڭ بياۋ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ‹يۇرتداشلار جەمئىيىتى› نامىدا، بەزىلىرى ‹سودىگەرلەر جەمئىيىتى› نامىدا قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىتاينىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار، بۇ يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىلگىرى ئاشكارىلانغان چەت ئەللەردىكى قانۇنسىز ساقچى پونكىتلىرى بىلەنمۇ قويۇق ئالاقىسى بار بولۇپ، خاراكتېر جەھەتتىن ئۇلار ھەممىسى ئوخشاش.»
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكادا ئاشكارىلانغان يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرىنى «ئامېرىكانىڭ قانۇن ساھەسىگە قىلىنغان ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق» دەپ كۆرسەتتى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكادا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «يۇرتداشلار جەمئىيىتى»، «سودىگەرلەر جەمئىيىتى» قارمىقىدا قۇرۇلغان «يەر ئاستى سوت مەھكىمىلىرى» قاتارلىق بۇ خىل قانۇنسىز تەشكىلاتلىرىغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىي بويىچە قاتتىق تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە بۇ خىل تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكادىكى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەر ۋە خىتاي پۇقرالىرىغىلا تەھدىت سېلىپ قالماستىن بەلكى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئېغىر بېسىم ۋە تەھدىتلەر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.