«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلى: «2025-يىلى خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن بەك قېيىن بىر يىل بولىدۇ »
2024.12.26
«ئىقتىسادشۇناس» (Economist) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ترامپنىڭ سايلام مەزگىلىدە خىتاي ماللىرىدىن كەم دېگەندە 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىشقا ۋەدە قىلغانلىقى، ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، خىتاي، فەنتانىلنىڭ ئامېرىكاغا ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا خىتاي ماللىرىدىن يەنە 10 پىرسەنت ئارتۇق باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان. ماقالىدە، ئەگەر ترامپ دېگەنلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرسە خىتاي ئىقتىسادىي ئۈچۈن ئېغىر زەربە بېرىلىدىغانلىقى ۋە 2025-يىلىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن بەك قېيىن بىر يىل بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالمىسا خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2.4 پىرسەنت تۆۋەنلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دونالد ترامپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشىنىڭ پىلتىسىنى يېقىپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا نەچچە يۈز مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكا شىركىتى بولغان خۇاۋېينى چەكلەش ھەرىكىتى باشلاتقانىدى. ترامپ ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، خىتاي ماللىرىدىن كەم دېگەندە 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىشقا ۋەدە قىلىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان پىكىرلەرگە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئومۇميۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئالدىمىزدىكى يىل بەك قېيىن بىر يىل بولىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە، خىتاي ئىقتىسادىي كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ ئاممىۋى ئىستېمالنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى چۈشەنگەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە ئۈمىد بېرىدىغان خەۋەرلەر بار. مەنچە، بۇ پەقەتلا بىر ئىقتىسادىي مەسىلە ئەمەس، بۇ بىر سىياسىي مەسىلە. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىكى تەرەققىياتى ئىنتايىن كونكرېت سىياسىي ئىقتىسادىي ئەندىزىگە تاياندى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارغا ياكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەرگە پۇل ئۈچۈن يەرلەرنى سېتىۋەتتى. بۇ قۇرۇلمىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار مۇناسىۋەتلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما ھازىر، بۇ قۇرۇلما خوراپ تۈگەۋاتىدۇ. ھازىر بۇرۇنقىغا ئوخشاش تەرەققىياتقا، يەنى ئۆسۈشكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىتايدا ئۆي-مۈلۈك بازىرى بەك ياخشى ئەمەس. شۇڭا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بۇ دىنامىكالارنىڭ كۆپ قىسمىنى تەتۈرىگە بۇراش لازىم، يەنى پۇلنى ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن ئىستېمالچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئەمما سىز بايلىق ۋە سىياسىي ھاياتىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى قوللاش ئاساسىدا قۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇل ۋە ئورنىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. پەقەت خىتاي بۇ ھەقتە سىياسىي قارار چىقارغاندىلا بۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ ئويلايمەن».
يېقىندا، «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ۋولتىر راسىل مىد (Walter Russell Mead) خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يېزىپ، خىتاينىڭ ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئىقتىساد مودېلىنىڭ داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئۇ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى كۆرسىتىپ، «ھازىر خىتاينىڭ بەزى يەرلىرىدە 2021-يىلدىن بۇيان ئۆي باھاسى تەخمىنەن %30 چۈشۈپ كەتتى. سانائەتتە تاپقان پايدىسى ئۆتكەن بىر يىلدا %17.8 تۆۋەنلىدى. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى داۋاملىق ئاشماقتا. چەت ئەللىكلەر مەبلەغ سېلىشنى خالىمايۋاتىدۇ» دېگەنىدى.
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا، قىيىن ئەھۋالدا قالغان خىتاي ئىقتىسادى ۋە دونالد ترامپنىڭ خىتاي بىلەن يېڭى سودا ئۇرۇشىنى باشلاش ئېھتىمالىغا قارىتا يېڭى قارار ماقۇللانغانىدى. خىتاي يەنە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ غايەت زور قەرزنى تۆلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 1 تىرىللىيون 400 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادنى رىغبەتلەندۈرۈش پىروگراممىسىنى جاكارلىغانىدى.
ھالبۇكى ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) شى جىنپىڭنىڭ خاتا سىياسىتىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سىياسىتىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى چۆكتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«شى جىنپىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى خاتا سىياسىتى خىتاي ئىقتىسادىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. ئۇ، ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بولغان ئىستېمالدىن يۈز ئۆرۈدى. ئۇ مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشنى ئويلايدۇ، چۈنكى مەركىزىي بانكا بۇ ‹ئۇرۇش ماشىنىسى› نى قۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. يەنى ئۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن خىتاي دۆلەت بانكىلىرىغا ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ. ئۇ خىتاي ئىستېمالچىلىرىنى كۈچلەندۈرۈشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇھىم ۋە يادرولۇق ئەزالىرىنىڭ، يەنى سايلىغۇچىلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئۇنىڭ پىلانى پەقەت خىتايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ھەجمىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، بۇ خىتايدا پۇل پاخاللىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. پۇل پاخاللىقى خىتايدا ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ خىتاي ئىقتىسادىنى چۆكتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن».
دوكتور گوردون چاڭ ۋە دوكتور رايموند كو قاتارلىق ئانالىزچىلار خىتايدا بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى ئۆستۈرۈش ۋە خىتايدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ھەجمىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئېكسپورتنى كۆپەيتىش ئەمەس، ئەكسىچە ئىستېمالچىلارنى كۈچلەندۈرۈش، بولۇپمۇ بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.