خىتاي د ئۇ ق غا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان گېرمان جاسۇسلىرى قولغا ئېلىنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.06.29
rishat-jasus-305.jpg مەزكۇر گېزىتتە جاسۇس رېشات ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەر
RFA/Ekrem

خىتاي گېرمان ئەر-ئايال جاسۇسنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما مەقسىتىگە يىتەلمىگەن.

25-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD دا خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ھېكايىسىگە ئائىت بىر خەۋەر تارقىتىلدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 74 ياشلىق بىر گېرمان كىشى ۋە ئۇنىڭ ئايالى 23-ئىيۇن سەھەردە تاكسىغا ئولتۇرۇپ، ميۇنخېن شەھىرىدىن ئايرودرومغا قاراپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ پىلانى ماكاۋغا بېرىپ، ئۆزلىرىنى يېتەكلەۋاتقان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ مۇھىم بىر ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈش بولغان.

ئەمما توساتتىن باۋارىيە شتاتلىق جىنايى ئىشلار ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرقانچە ماشىنىلىرى ئۇلارنى قورشاۋغا ئېلىپ تۇتقان. ئۇلارنىڭ ئۈستى-باشلىرىنى، چامادانلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، شۇ كۈنى كەچكىچە ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئاختۇرۇش جەريانىدا يۈزلىگەن ھۆججەتلەرنى، سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە يۇمتاللارنى قولغا چۈشۈرگەن. تەكشۈرۈش بىر كۈن داۋام قىلغان.

ARD قانىلىنىڭ بېرلىندىكى مەركىزىنىڭ ئاخبارات مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئەر-ئايالنىڭ جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى گېرمانىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەن. بىراق ARD قانىلى بۇ ئىككى نەپەر جاسۇسنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن. ئۇلارنىڭ قايسى تۈرمىگە قامالغانلىقىنىمۇ ئېنىقلىيالمىغان. گېرمانىيەنىڭ مەخپىي ئورگىنى بولغان «فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى» بۇ ھەقتە ئاخبارات ساھەسىنى ھېچقانداق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ARD قانىلى بۇ جاسۇس توغرىسىدا يەنىلا بەزى مەلۇماتلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

خەۋەردە 74 ياشلىق ئەر جاسۇسنىڭ ئىسمىنى دىتېر ۋ. ، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمىنى ئاندېرىيا دەپ ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان، بۇ جاسۇسلارنىڭ ھايات ھېكايىسىنى قىسقىچە بايان قىلغان.

بۇ ھېكايىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جاسۇس دىتېر ۋ. ميۇنخېندىكى «ھاننس زايدىل فوندى جەمئىيىتى» نىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، 50 يىلدىن بۇيان «فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى» غا ئۆزلۈكىدىن خىزمەت قىلىپ كەلگەن. ساياھەت پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، «فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى» نى رۇسىيە، خىتاي، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، بەلگىلىك تاپان ھەققىگە ئېرىشىپ ياشىغان. ھەتتا بۇ خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ئۇ «فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى» غا كىرىپ-چىقالايدىغان ھالغا كەلگەن.

ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئايالى بىلەن بىرلىكتە بۇ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان. ئويلىمىغان يەردىن خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى پېنسىيىگە چىققان بۇ ئادەمگە قىزىقىپ، ئۇنى خىتايدىكى ساياھىتى مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن گېرمانىيە «فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى» غا ئائىت مەلۇماتلارنى تەلەپ قىلغان. بۇ ئەر-ئايال شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق خىتايغا ساياھەتكە بېرىپ تۇرغان. شاڭخەيدىكى توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىنى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىغا ئاخبارات يەتكۈزۈش بازىسى قىلغان.

بىراق ئۇلارنىڭ خىتاينى زادى قانداق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئىككىيلەننىڭ ئەسلىدە قوش جاسۇسلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، «فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى» غا ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقى، جاسۇسلارنىڭ قانچىلىك ئىقتىسادىي ھەققە ئېرىشكەنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن سوئاللارنىڭ جاۋابى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن.

بۇ جاسۇسنىڭ ھېكايىسىدىكى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقان مۇھىم مەسىلە، خىتاينىڭ بۇ ئەر-ئايالنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزۈش پىلانىدۇر. خەۋەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، د ئۇ ق غا سۇقۇنۇپ كىرىش بۇ ئەر-ئايالغا تاپشۇرۇلغان ئەڭ مۇھىم ۋە ئاخىرقى ۋەزىپە بولغان. ھالبۇكى، بۇ جاسۇسلار خىتاي تەرەپنىڭ مەزكۇر تەلەپىنى رەت قىلغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتايلار ئاخىرى دىتېر ۋ. ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا لەپتوپ كومپيۇتېر بىلەن سىفىرلاشتۇرۇلغان يۇمتالنى بەرگەن. بۇ ئارقىلىق گېرمانىيە ‹فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى› غا ئۇلىنىپ، ئۇ يەردىن ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغان. ھالبۇكى، ئۇلار ‹فېدېراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى› نىڭ بۇنى سېزىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. خىتاينىڭ ئاخىرقى نىشانى دىتېر ۋ. ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزۈش بولغان. ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئېغىر جازالارغا ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق نىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان. بىراق دىتېر ۋ. ۋە ئۇنىڭ ئايالى خىتاينىڭ د ئۇ ق غا سۇقۇنۇپ كىرىش تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇلار باشقا تېمىدا بىرلىككە كەلگەن».

خىتاي نېمە ئۈچۈن چەتئەل جاسۇسلىرىنى د ئۇ ق غا كىرگۈزۈپ ئاخبارات ئىگىلەشكە ئۇرۇنىدۇ؟ د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ د ئۇ ق غا جاسۇس سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزۈش قىلمىشىنىڭ يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما چەتئەللىكلەرنى كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى، بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىنى قايتىدىن سەگىتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا خىتاينىڭ ئىلگىرى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلاپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا جاسۇس سوقۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىلگىرى بىرقانچە قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ ھەر قېتىمدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.