د ئۇ ق 2022-يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا

0:00 / 0:00

13-ئاۋغۇست دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باش شتابى ئەنگلىيەدە بولغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» ناملىق ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى 2022-يىللىق خەلقئارا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارشى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەخلاق كومىتېتىغا ئەرز سۇنغان.

ئەرزنامىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلىرىغا قارىماستىن، 2022-يىللىق ئولمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىشى ئولمپىك نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەرزنامىدە يەنە ئولمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرى تارتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇشنى قوللىغانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە، بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق ۋە تېخنىكا ساھەسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقىگە قارىتىلغان خەلقئارالىق جىنايەتلەرگە بىۋاسىتە قاتناشقانلىق بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مايكىل پولاك بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ئەرزنامىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەخلاق كومىتېتىغا سۇنغانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇرسەنمەن. ئەرزنامىدە بايان قىلغىنىمىزدەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلانغان ئېنىق ئىسپاتلار تۇرسىمۇ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 2022-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش مەسىلىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى رەت قىلىشى خەلقئارا ئولىمپىك ئەخلاق كومىتېتىنىڭ نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.»

مايكىل پولاك ئەرزنامىدە مۇنۇ نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن: «ئىجرائىيە ھەيئىتى ۋە ئۇنىڭ رەئىسى توماس باخنىڭ ھەممىسى ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپى، ئولىمپىك نىزامنامىسى ۋە ئولىمپىك غايىسىگە ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى بۇ كومىتېتنىڭ ھەرىكەت مىزانىنىڭ 2-ماددىسىدىكى مەجبۇرىيىتىگە زىت بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ تەگكۈزىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 2022-يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى، 1936-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ناتسىستلار گىرمانىيەسىنىڭ بىرلىندا خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىدەك خاتالىقىنى قايتا تەكرارلىغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى ۋە تەلەپلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس ئادۋوكاتلار ئارقىلىق خەلقئارا ئولىمپىك ئەخلاق كومىتېتىغا سۇنغان بۇ ئەرزنامىنىڭ مەقسىتى 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر.»

مايكىل پولاك بۇ قېتىملىق ئەرزىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك ئەخلاق كومىېتىتى ئۆزىنىڭ نىزاملىرىغا ئەمەل قىلسا، ئۇلار چوقۇم خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى كېلەر قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈش قارارىغا قايتا قاراپ چىقىشىغا چاقىرىشى كېرەك. ئۇلار چوقۇم خەلقئارا قائىدە-نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرمەسلىكى كېرەك. شۇڭا بىزنىڭ دەيدىغىنىمىز خىتايدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقاندا، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەك.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەرزنامىدە ئۆزىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن: «ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشىگە يول قويسا، ئۇ ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ نومۇسسىز قارار بولۇپ قالىدۇ.»

مايكىل پولاك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مۇنداق خىتاب قىلدى: «مەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخقا شۇنى ئېنىق دەپ قويماقچىمەن: ‹سىلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر ئېنىق ئىسپات بار. سىلەر ئۇ يەردە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز، دېمەڭلار. بۇ ئىسپاتلار پەقەت تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ۋە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئېنىق يېزىلغان. شۇڭا خىتاينىڭ ‹يالغان› دېگىنى يالغان. شۇڭا بىزنىڭ توماس باخقا دەيدىغىنىمىز ئەگەر قولىدا تولۇق ئىسپات بار تۇرۇپ يەنىلا 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرسا، ئۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قۇل ئەمگىكى ۋە يۇقىرى تىخىنكا ئارقىلىق باستۇرۇش جىنايەتلىرىگە شېرىك بولغان بولىدۇ.»

ئاخىرىدا دولقۇن ئەپەندى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ ئەرزگە تەرەپسىز بىر شەكىلدە قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىز خىتاينىڭ تەسىرىنى بىلىمىز. لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىزنىڭ ئەرزىمىزگە تەرەپسىز بىر شەكىلدە قارار چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئەڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىمىزنىڭ ھەقلىق كۆرۈشىمىزنى داۋام قىلىمىز.»