پارىژ، لوندۇن، بېرلىندىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.06.24
پارىژ، لوندۇن، بېرلىندىمۇ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-ئىيۇن، بېرلىن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

23-ئىيۇن «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» بولغان 6-ئاينىڭ 23-كۈنى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەندىن تاشقىرى، ياۋروپادىكى بىرقىسىم چوڭ شەھەرلەردىمۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلايلى» دېگەن شۇئار ئاستىدا نامايىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

«خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-ئىيۇن، بېرلىن، گېرمانىيە.

فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 23-ئىيۇن پارىژدىكى مەشھۇر باستىلىيە مەيدانىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئالىم ئۆمەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، پارىژدىكى بۇ نامايىشقا 10 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ مالىيە مەسئۇلى سۈھبى ئەپەندىمۇ پارىژدىكى نامايىشقا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە سابىق رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى بولسا بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ خىتايغا قارشى غەزەپ--نەپرەتكە تولغان بىر نامايىش بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-ئىيۇن، لوندون، ئەنگلىيە.

23-ئىيۇن ئەنگىلىيە پايتەختى لوندۇن شەھرىدىمۇ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. د ئۇ ق لوندۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى قاتنىشىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىن شەھرىدىمۇ 23-ئىيۇن بىرلەشمە نامايىش بولۇپ ئۆتكەن. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بېرلىندىكى بۇ نامايىشنىڭ ناھايىتى تەسىرلىك، جانلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-ئىيۇن، پارىژ، فىرانسىيە.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» بولغان 6-ئاينىڭ 23-كۈنى د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسىغا بىنائەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتە بىرلا كۈندە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.