ياۋروپا پارلامېنتىدىن چىققان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ساداسى

0:00 / 0:00

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىغا ئايلانماقتا.

4-دېكابىر كۈنى ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي ئەربابلار خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلماقتا» ناملىق خەۋەر كەڭ تارقالدى. خەۋەردە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىر سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ غەرب سىياسىيونلىرىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئاۋاز چىقىرىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى سۆز بېشى قىلىنغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىكولا بەئېر بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا يارايدىغان بارلىق جازا تەدبىرلىرى بۈگۈن ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشى لازىم» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دەپ ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلانغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارد بۈتىكوفېر ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «خىتايدىن ئىبارەت بۇ ساقچى دۆلىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىنى دۇنيا ھازىر ئېنىق كۆردى. خىتاينىڭ شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭ سىياسىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى توغرىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە پەيدا قىلىشى مۇقەررەر.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى جۆرگ ۋۇتكې مۇنداق دېگەن: «1980-يىلى بايقۇت قىلىنغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىن بولغان خىتايغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بۇ بايقۇت ئەجەللىك بولىدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتتە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلماي بۇ چارىسىزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ باشقا بىر ئىستراتېگىيەسىمۇ يوق.»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىكولا بەئېر، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارد بۈتىكوفېر، ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى جۆرگ ۋۇتكې قاتارلىقلار ياۋروپادا سىياسىي تەسىرى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان سىياسىيونلار سانىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ بۈگۈن بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئاخبارات ساھەسىنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتقان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش نۆۋەتتە خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا ئىكەن. بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە دىپلوماتلىرى ۋە يۈزلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايقۇتنامىلارنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئولىمپىك كومىتېتىغا بۇ خۇسۇستا مەخسۇس نارازىلىق خەتلىرى يازغان. بولۇپمۇ، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش شوئارى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تېخىمۇ كۈچلۈك توۋلانغان. ئەنگلىيەنىڭ باش مىنىستىرى دومىنىك راب ئۆكتەبىردە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە توختالغاندا «ئىنتايىن ئېغىر ۋە قورقۇنچلۇق» دېگەن كەلىمى قوللانغان شۇنداقلا پارلامېنتتىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى سادالارغا قارشى چىقمىغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي زۇلۇمى شۇ قەدەر يۇقىرى چەككە يەكەن بىر زاماندا، ئەگەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى تۈرلۈك قارشىلىقلارغا قارىماي خىتايدا ئۆتكۈزۈلسە، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور ئار-نومۇسلۇق بىر ھادىسە بولۇپ قالىدىكەن.

«تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي ئەربابلار خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلماقتا» ناملىق خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشلىرى غەرب شىركەتلىرىنى بارغانسېرى قېيىن ئەھۋالدا قويماقتا ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازا تەدبىرلىرىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن تىجارىي ئالاقىلاردا بولۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان ياۋروپا شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش مەجبۇرىيىتىدە قالغان. بۇنى ئىسپاتلاش بولسا ناھايىتى قېيىن بىر مەسىلىگە ئايلانغان. مۇبادا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بايقۇت قىلىنسا، بۇنىڭ ھەم كۆپلىگەن شىركەتلەرگە سەلبىي تەسىرى بولىدىكەن.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق قۇرۇلتىيىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش يولىدا ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەزكۇر خەۋەردە ب د ت نىڭ 2018-يىلى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۇچراۋاتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنىڭ غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك ھېسداشلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشىنىڭ بۇ ھېسداشلىقنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.