ۋولكەر تۈرك خىتاينى قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ تۇتقۇنلارنى شەرتسىز قۇيۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.06.21
volker-turk-2024-1024 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك سۆز قىلماقتا. 2024-يىلى 18-ئىيۇن، جەنۋە
Hebibulla izchi

ب د ت نىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش ئىشتابىدا ئېچىلىۋاتقان 56-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنىڭ 18-ئىيۇن كۈنىدىكى ئېچىلىشى سۆزىنى قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك: «بىز چوقۇم تىنچلىققا قايتىش يولىمىزنى تېزدىن تېپىشىمىز كېرەك» دەپ خىتاب قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينى ئىسلاھاتقا چاقىرغان.

ۋولكەر تۈرك ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆز ئەندىشىلىرىنى شۇنداق ئىپادىلىگەن: «مەن ئىشخانامنىڭ شىنجاڭ رايونىدا بايقىغان ئېغىر ئەندىشىلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ كەلدىم. ئىشخانام يېقىندا بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مەسىلىلەرنى، شۇنداقلا خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ قوللىنىلىشىنى مۇنازىرە قىلدى. شۇنداقلا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى كۆڭۈل بۆلىدىغان دېلولارنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. مەن، ئالدىنقى ھەپتە ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى ۋە ئەمگەك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىگە بېرىلگەن ئېغىر جازاغا ئېچىندىم».

بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، جەنۋەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ۋولكەر تۈركنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قۇيۇپ كەلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قۇيۇشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ب د ت ئالىي ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.

ۋولكەر تۈرك يەنە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى شەرتسىز قۇيۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئۇ: «مەن بۇ يەردە، دائىرىلەرنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى، تۇتقۇنلار ئائىلىسىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ۋە خىتاينىڭ قانۇن ئىسلاھاتىنى باشلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. مەن ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشخانام بىلەن بولغان دىيالوگىنى ئېتىراپ قىلىمەن ۋە بۇنىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كونكرېت ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

 بۇ ھەقتە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ، «خىتاينىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدا ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىگە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئەكەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شۇڭا ب د ت خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قۇيۇشى كېرەك» دەپ، ئۆزىنىڭ تۆت تۈرلۈك كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىدە. 2024- يىلى 20-ئىيۇن، جەنۋە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىدە. 2024- يىلى 20-ئىيۇن، جەنۋە
RFA/Hebibulla izchi

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاينىڭ ئىلگىرى بۇنداق ۋەدىنى بەرگەنلىكىنى، ئەمما ۋەدىسىنى ھېچقاچان ئىشقا ئاشۇرمىغانلىقىنى، ئەمما ۋولكەر تۈركنىڭ بۇ قېتىم يەنە بۇنى تەكىتلىشىنىڭ خىتايغا بەلگىلىك بېسىم شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 19-ئىيۇن كۈنىدىكى يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكانىڭ ب د ت باش ئەلچىسى مىچېل تايلور (Michele Taylor) خانىممۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە: «ب د ت بۇ يەرلەردە داۋام قىلىۋاتقان، ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

 جەنۋەدە داۋام قىلىۋاتقان 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 18-ئىيۇن كۈنىدىن 12-ئىيۇلغىچە ئېچىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋولكەر تۈركنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا يۈرگۈزگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، خەلقئارادا خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش سادالىرى كۈچەيگەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ، ب د ت نىڭ 56-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ داۋاملىق قىزىق نۇقتا بولىدىغانلىقى بىلدۈرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.