ئانالىزچىلار: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ‹تېررورلۇققا قارشى تەشۋىقات› نى بازارغا سېلىۋاتىدۇ»
2024.12.31

خىتاي دائىرىلىرى «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ توققۇز يىللىقىنى خاتىرىلەشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتى ۋە «تەلىم-تەربىيە» پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن باشلىغان. مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى كونتروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەدبىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 27-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ توققۇز يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىق ئورنىتىش» نامىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە «تەلىم-تەربىيە» پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.
ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى چېن مىڭگۇ سۆز قىلىپ، رايوندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتلىرىنى دائىملاشتۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاشنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە «شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇقىم تۇرماقتا، شىنجاڭ يېڭى گۈللىنىش ۋە جۇشقۇن تەرەققىيات كەيپىياتىنى نامايان قىلماقتا» دېگەن. ئۇنداقتا، خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتى ۋە «تەلىم-تەربىيە» پائالىيەتلىرىنى قايتا باشلايدۇ؟
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«2017-يىلدىن باشلاپ، بىر قىسىم چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىدى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە «تەلىم-تەربىيە» پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياج بولىدۇ. ھەمدە بۇلارنىڭ سىياسىتى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پەيتتە، بۇنى زادى نېمىشقا ئېلىپ بارىدۇ؟ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئاساسلانغاندا، رايوننىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى كاپالەتكە ئىگە بولغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ ئۇيغۇر رايونىدا كونتروللۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەدبىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھاكىممۇتلەق ۋە دىكتاتور ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆز خەلقىگە داۋاملىق تېررورلۇق تۇيغۇسى ۋە تەھدىت تۇيغۇسىنى داۋام قىلدۇرۇش ئېھتىياجى تۇيۇۋاتىدۇ».
ئىنسانشۇناس ۋە چېخ جۇمھۇرىيىتى ئولوموك پالاكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Steenberg) خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقاتى ۋە «تەلىم-تەربىيە» پائالىيەتلىرىنى باشلاتقانلىقىنى بىلدۈردى: «بۇ تەشۋىقاتنىڭ ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ توققۇز يىللىقى بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوق. خىتاينىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ زۇلۇملىرىنى قوبۇل قىلغۇزۇش ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈندۇر. خىتاي يېقىن ئارىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا قارىتا باستۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن».
چېن مېڭگۇ تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز چوقۇم يۇقىرى بېسىملىق ۋە زەربە بېرىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىشىمىز، ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا زوراۋان تېررورچىلار مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. «شاھمات ئويۇنى» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىرلىكتە باشقۇرىدىغان، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى قاتنىشىدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك» .
ھالبۇكى، تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىملىكىنى رەت قىلىپ، خىتاي كىملىكىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلمىغۇچە، خىتاينىڭ تېررورلۇق باھانىسى ۋە ‹تېررورلۇققا قارشى تەشۋىقاتى› تۈگىمەيدۇ.»