«ئائىلىڭىز بەدەل تۆلەيدۇ!» : خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا سوزۇلغان قارا قولى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

0:00 / 0:00

10-نويابىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە «ئوكسۇس» (Oxus ئامۇ دەرياسىنىڭ قەدىمكى يۇنان تىلىدىكى ئاتىلىشى) نامىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى جەمئىيىتى بىرلىكتە «ئائىلىڭىز بەدەل تۆلەيدۇ: خىتاينىڭ ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەقىپ قىلىشى ۋە ئۇلارغا قورقۇنچ سېلىشى» سەرلەۋھەلىك 65 بەتلىك بىر دوكلات ئىلان قىلدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تور بېتىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر دوكلات ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن «ئوكسۇس» ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتى بىرلىكتە «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى» ھەققىدە توپلىغان ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن كېڭەيتىلگەن ئىكەن. بۇ يېڭى تەتقىقاتقا 19 يىل ئىچىدە 22 دۆلەتتىكى خىتاينىڭ «1-دەرىجىلىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 5530 مىسال قوشۇلغان. «1-دەرىجىلىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» شەخسلەر ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىدلەرنى، خىتاي دائىرىلىرى ياكى ئىنتېرپول قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دوكلاتتا قورقۇتۇش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنڭ خەۋەر قىلىنمايدىغانلىقى ۋە بۇ خىل پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق ئۇسۇللار بىلەن پاراكەندىچىلىك سىلىۋاتقانلىقى ۋە قورقۇتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. توپلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت چىگراسىدىن ھالقىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قايسى دۆلەتتە ياشاۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى ئېيتىپ تېلېفۇن قىلىش، تېلېفۇن، كومپىيۇتىر قاتارلىق ئىلكترونلۇق ئەسۋاپلىرىغا ھەر خىل ۋىرۇسلار ئارقىلىق سوقۇنۇپ كېرىپ توردىكى ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزۈش، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىكى ئوبرازىغا بۇزغۇنچلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس خاككېرلارنى ئىشقا سېلىپ، ۋىرۇسلۇق يۇمشاق دېتاللارنى تارقاتقان. ئاشكارىلىنىشىچە، 2019-يىلى خىتاي خاككېرلىرى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشانلاش ئۈچۈن «سۈرىيە خەۋەرلىرى» ناملىق تور بېكەت قۇرغان. ئۇلار يەنە ئافغانىستان، كۇۋەيت، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، پاكىستان ۋە تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەپلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات توپلىغان. بۇ ئەپلەر ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، خىتايچە، تۈركچە، پۇشتۇچە، پارسچە، مالايچە، ھىندونېزىيەچە، ئۆزبېكچە، ئوردۇچە ۋە ھىندىچە تىللاردا ئىشلىتىلگەن.

پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەكشۈرىشىمىزگە قاتناشقانلارنىڭ 95 پىرسەنتى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە خىتاينىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلىدىكەن. 75 پىرسەنىت كىشى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاي دائىرلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك سىسىتىمىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇلار ئىھتىياجلىق ياردەمگە ئىرىشەلمىگەن. بۇ بىز بايقىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا.»

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارغا ۋە ياكى تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ئۇسۇلدا تەھدىت سالماقتىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىلىق ئۈندىدار ئارقىلىق بىۋاسىتە تېلېفون قىلىدىكەن ياكى خىتايچە ئۇچۇر يوللايدىكەن. يەنە بەزىلىرىگە ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تېلېفون قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق بېسىم قىلىدىكەن.

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنى خانىم ئۆزى بىۋاستە كورلادىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دائىرىلىرى ئاچامنى تۇتۇپ كەتكەندىن كېيىن، مېنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىلغان ھەرىكىتىمنى توختىتىش ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى ئانامنى قورقۇتتى. ئانام ئارقىلىق ماڭا تەھدىت سالدى.»

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئۇسۇللىرى خەلقئارالىق قانۇن-قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشايدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇقى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە تىنچ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بايان قىلىنغان.

پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى ئاخىرىدا شەخس ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەمدە نورمال ھايات كەچۈرىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەخسىي شىركەتلەر ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل شەكىلدە ياردەمچى بولالايدۇ. مەسىلەن، سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىغا مەسلىھەت بىرىدىغان قانۇن ئورۇنلىرى، قانۇن مەسلىھەتچىلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق رۇخسىتى ھەققىدىكى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. فېيسبۇك، تۋىتتېر ۋە باشقا ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرى توردا پاركەندىچىلىك ۋە تەھدىت سىلىۋاتقانلارغا قارشى تۇرىدىغان قائىدىلەرنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاساسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارلىق ئورگانلار ۋە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادىكى سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىش كېرەك.»

مەزكۇر دوكلاتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن: «چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاجىز بىر توپلۇق، ئۇلار پەقەت تور تېخنىكالىرىغا تايىنىپ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشقا تېرىشىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى سەۋەبىدىن ئۇلار خىتاي دۆلىتىنىڭ قورقۇتۇشغا، تەھدىتىگە ۋە ھەر تۈرلۈك پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا.»