مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ»
2024.04.22
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، خىتاينىڭ «مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى شىنجاڭدىكى پۈتكۈل خىزمەتلەرنىڭ ئۇل تېشى» دەپ تەكىتلىشى ئالدىنقى يىللاردا چەت ئەللەرگە قاراتقان «شىنجاڭ مەسىلىسى قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، مىللەتلەر مەسىلىسى ياكى دىنىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىچكى تەرەققىيات مەسىلىسى» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتى بىلەن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، روشەن زىتلىق ھاسىل قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىغا بېغىشلانغان بىر پارچە ئوبزور ماقالىسى 17-ئاپرېل كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئوبزوردا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى ۋە شىنجاڭدىكى پۈتكۈل خىزمەتلەرنىڭ ئۇل تېشى» دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي رەۋىشتە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش شوئارىنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى زور سىياسىي مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ھالبۇكى، چەت ئەللەردىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلىرى ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى تەرەققىيات مەسىلىسى» دەپ جار سېلىپ كېلىۋاتقان تەشۋىق-تەرغىباتلىرىنى تامامەن ئىنكار قىلىشتۇر.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ غەرىزى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئېڭىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى.
«مېنىڭچە مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سىياسىتىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تىكلەشنى ئۆزىنىڭ يۆنىلىش يولى قىلىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەكىتلىشى، رايوندىكى ئۆزىدىن باشقا خىتاي بولمىغان بارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ھالبۇكى ئېنىق كۆرۈشكە بولىدۇكى، خىتاينىڭ تۈپكى نىشانى قانداقتۇر يېڭى جۇڭخۇا مىللىتى شەكىللەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نامى ئاستىدا خىتاي بولمىغان باشقا بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە خاسلىق ۋە ئوخشىماسلىقىنى يوقىتىشتۇر».
ھېنرىي شاجېۋىسكىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئالدىنقى يىللاردا چەت ئەللەرگە قاراتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى تەرەققىيات مەسىلىسى» دەپ داۋراڭ سېلىشلىرىغا زىت بولغان ھالدا ھازىر «مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىنى شىنجاڭدىكى پۈتكۈل خىزمەتلەرنىڭ ئۇل تېشى» دەپ تەكىتلىشى تېگى-تەكتىدىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈندۇر. ئۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى.
«ئەلۋەتتە، مۇقىملىق بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر ھىيلىسىدۇر. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئاتالمىش مۇقىملىقنى رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن دەپ قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش نامىدىكى بىر قاتار سىياسەتلىرى باشقا مەسىلىلەرگە قارىغاندا رايوندىكىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. چۈنكى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن».
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنىڭ يادروسى «مۇقىملىق ۋە خىتايدىن پەرقلىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش» سىياسىتىدۇر. ۋاھالەنكى، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىمۇ خىتاي دۆلىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» سىياسىتىنى «شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى»، «پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئەڭگۈشتەرى» دەپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەنىدى.
لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مىللەتلەرگە بېرىلگەن ھوقۇقلارغا ھەمدە «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» دىكى مىللەتلەرگە بېرىلگەن ھوقۇق ۋەدىلىرىگە ئۆزلىرى خىلاپلىق قىلىشقا كىرىشكەن، ھەتتا ئۇلار ««مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نى تىلغىمۇ ئېلىپ قويمايدىغان بولغانىدى.
گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە «مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى، شىنجاڭدىكى پۈتكۈل خىزمەتلەرنىڭ ئۇل تېشى» دېگەندەك تەشۋىق تەرغىباتىنى بازارغا سېلىشى ماھىيەتتە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچىيىشىدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دېدى.
دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ يەنە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى دەپ جار سېلىشى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنى ئەركىن يۈرگۈزۈش تەلەپلىرى ۋە ئۆز مىللىتىنى ھەر جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە شەرتسىز بويسۇنۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان.