خىتاي تەشكىللىگەن «يىلتىز ئىزدەش ساياھىتى» مۇ خىتاينىڭ كۆز بويامچىلىق تەشۋىقات ئۇسۇلى بولماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.07.25
yiltiz-izdesh-urumchi-1024 «خىتاي يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» يازلىق لاگېرى شىنجاڭ لاگېرىغا قاتناشقانلارنىڭ ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى. 2024-يىلى 21-ئىيۇل، ئۈرۈمچى
ts.cn

تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، كانادا، ئىسپانىيە، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتتىن كەلگەن 56 نەپەر خىتاي مۇھاجىر ياش-ئۆسمۈردىن تەشكىللەنگەن 2024-يىللىق «خىتاي يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» نامىدىكى يازلىق لاگېر يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ كېلىۋاتقان «خىتاي يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» يازلىق، باھار ۋە قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 2019-يىلى 5-ئايدا بۇ ھەقتە بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم يىغىن چاقىرىلغان. چەتئەلدىكى خىتاي ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىشتىسىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان بۇ پائالىيەت ئەڭ دەسلەپتە «يىلتىزىنى ئىزدەش» نامىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 2023-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ «خىتاي يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن.

يېقىنقى بىر-ئىككى يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»، «شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق ساياھەت تەشۋىقاتلىرى ئەۋجىگە چىققانىدى. بۇ قېتىم بولسا «خىتاي يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» نامىدىكى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

گېرمانىيەدىكى ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) نىڭ قارىشىچە، بۇ پائالىيەت ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا زور مەبلەغ ئاجراتقان تەشۋىقات تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، سەھنە ھازىرلاپ قويغانلىقى ئېنىق.

دوكتور رۇنې سىتېنبېرگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، يەنى ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئاقلايدىغان ھەم چەت ئەلگە تەشۋىق قىلىدىغان ئىز باسارلاردىن قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 22-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ پائالىيەتنىڭ ساھىبخانىلىقنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان خىتاي مۇھاجىر ياش-ئۆسمۈرلىرى 18-ئىيۇلدىن27-ئىيۇلغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى ۋە تۇرپان شەھىرىگە ساياھەت-ئېكسكۇرسىيەگە بېرىشقا تەشكىللەنگەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاي يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» گە قېتىلغان چەت ئەللىك خىتاي ياش-ئۆسمۈرلىرى ماھىيەتتە خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بولۇپ، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى دۇنياغا بىلدۈرىدىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم سىياسىتىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقاتچىلارغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىدا «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئالدى بىلەن نام جەھەتتىن يوق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ بۇ پائالىيەت ھەققىدە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ پۈتۈن كۈنتەرتىپلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق. شۇڭا بۇ مۇھاجىر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرگىنى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا كۆرسەتمەكچى بولغان كۆرۈنۈشلەردۇر. ھالبۇكى، بۇ ساددا ۋە نارەسىدە بالىلار ‹كۆرەلمەيدىغان ئىش› لارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. ۋاھالەنكى، ئۇلار قايتىپ بارغاندىن كېيىن پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىلا باشقىلارغا سۆزلەيدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتىغا ياردەم قىلغىنىغا باراۋەردۇر. ئەمما بۇ دەل خىتاينىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سادىر قىلغان جىنايى قىلمىشلىرىنى چەتئەللەردە ئاشكارىلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان شۇ بالىلارمۇ بىلەلەيدۇ».

ئىگىلىنىشىچە نۆۋەتتە، «خىتاي يىلتىزىنى ئىزدەش ساياھىتى» نامىدىكى يازلىق، باھار ۋە قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي مۇھاجىر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن يىلدا بىر قانچە قېتىم قەرەللىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدە تەشكىللىنىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ھەرىكىتى» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.