خىتاينىڭ «تۈمەنلىگەن كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» ناملىق سىنلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئىچ يۈزى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.08.27
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت تەشۋىقات ۋىدېيولىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلەپ تارقاتقان ۋىدېيولىرى ھەققىدىكى يېڭى دوكلاتى ئىشلىتىلگەن سۈرەت.
UHRP

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقە باشقارمىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تور بىرلەشمىسى» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «تۈمەنلىگەن كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» ناملىق سىنلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسىغا ئەسەر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تور بىرلەشمىسى» نىڭ باش كاتىپى چاڭ جاۋەن رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر مۇسابىقىگە «گۈزەل شىنجاڭ» تېما قىلىنغان سىنلىق ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ھازىرغا قەدەر تىك-توك، ئۈندىدار، قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە بۇ خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كەلگەن خىتايدىكى تونۇلغان تور چولپانلىرى بىلەن بىر قىسىم چەت ئەللىك تور يازارلىرىنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋە ئۇلارنى ماختىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش «تۈمەنلىگەن كىشى شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلەش» ناملىق سىنلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش سىياسىي تەشۋىقاتىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى، دەپ كۆرسەتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە دۇنيانى داۋاملىق ئالداشقا ۋە ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلاشقا تۇتۇش قىلغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن تېمىدا سىن فىلىملىرى مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، ئاتالمىش «مۇسابىقە» لەرنى ئۇيۇشتۇرۇشى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماھىل تور يازارلىرىنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئاۋسترالىيە پۇقرالىقىدىكى ئارسلان ھىدايەت ئەپەندى ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «مەنمۇ ئۇيغۇر»، «گوگۇل ئۇيغۇر»، «تۇغقانلىرىم قەيەردە» دېگەندەك بىر قاتار «خەشتەگ» پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا مەلۇم ئۈنۈم ياراتقان ئىدى.

ئارسلان ھىدايەت ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان توردىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئىچ يۈزى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈمى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ خىتاينىڭ بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان «گۈزەل شىنجاڭ» تەشۋىقاتىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۈندىدار، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائى ئالاقە مۇنبەرلىرىگىچە كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئارسلان ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان خىتايغا ماھىل دۆلەتلەردە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، يېقىنقى يىللاردا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان بىر قىسىم چەت ئەللىكلەر ئارىسىدىمۇ مەلۇم تەسىر پەيدا قىلىشقا باشلىغان ئىكەن.

ئارسلان ئەپەندى يەنە يېقىنقى مەزگىللەردە گۇگۇل، يۇتۇپ قاتارلىق ئىنتېرنېت ئالاقە مۇنبەرلىرىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدىگەندە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم يۈرگۈزىۋاتقانلىقى تېما قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ بارغانچە ئازىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ھالبۇكى، يۇتۇپ قاتارلىق مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ» تېمىسىدىكى تەشۋىقات فىلىملىرى، شۇنداقلا خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ «شىنجاڭنىڭ تىنچ-خاتىرجەملىكى» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى سىن تەشۋىقاتلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتىكەن.

ئارسلان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق گەرچە غەرب دۇنياسىدا مەلۇم دائىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور ئىقتىساد ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزىنى ئاقلاش سىياسىي تەشۋىقاتلىرىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم قازانماقتىكەن.» ئۇ بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدى بىلەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىل ساختا تەشۋىقاتىغا سەزگۈر بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە داۋاملىق ئاڭلىتىشى زۆرۈرلىكىنى، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىگىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.