ئامېرىكىدىكى دۈيخۇئا فوندى جەمئىيىتى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى دۈيخۇا فوندى جەمئىيىتى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ھەمدە قويۇۋېتىلسە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالمايدىغان مەھبۇسلارنى كەچۈرۈپ قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

دۈيخۇا فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مۇراجىئەتنامە بۇ يىل 28 ‏ - ئاپرىل، فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جون كام تەرىپىدىن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرى ۋۇ باڭگوغا يوللانغان بولۇپ، مۇراجىئەتنامىدە خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىلدىكى كەچۈرۈمنى تۇنجى جاكارلىغۇچى دۆلەت بولۇپ، كەلگۈسىدىكى ئولىمپىك ساھىبخانلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك مىراسىنى قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

مۇراجىئەتنامىدە يەنە، ئولىمپىك ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈشنىڭ ئولىمپىكنىڭ نېگىزلىك پرىنسىپى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ تارىختىن بۇيان مۇسابىقە جەريانىدا تىنچلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك ئېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

فوندى جەمئىيەت رەئىسى كام ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇراجىئەتنامە مەلۇم بىر گۇرۇپپا مەھبۇسلارغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى خىتايدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلار، 1989 يىلىدىكى تيەنئەنمېن ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى "ئەكسىلئىنقىلابچىلىق" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ھازىرچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.