پۇل پاخاللىقى ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگىدا ئاساسى تېما بولىدۇ

ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى خېنرى پاۋلسوننىڭ 'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'غا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگ يېقىندا، 6 ‏ - ئاينىڭ 17 ‏ - كۈنى ماريلاند شتاتىنىڭ ئانناپولىس شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.


 ماكرولۇق مالىيە باشقۇرۇش بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان دىئالوگ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ سۆھبەتتە، ئاساسەن ھازىر ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىگە رىقابەت بولۇپ چىقىۋاتقان پۇل پاخاللىقى مەسىلىسى ھەل قىلغۇچ نۇقتا بولىدۇ.

مىنىستىر پاۋلسوننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ سانائەتكە، مەبلەغ سېلىشقا ۋە ئىمپورتقىلا تايىنىۋېلىشى نەتىجىسىدە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئېشىپ كېتىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلىشىپ، تەقسىمات تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقماقتا.

بۇنىڭ بىلەن 4 ‏ - ئايدا ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودىدا كېلىپ چىققان قىزىل رەقەم بۇلتۇرقىدىن 25% ئېلىپ كەتكەن. ئەمما خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە بولغان تەييارلىقى پۈتكىنى يوق.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org