خىتاي ئاپەت رايونىدا رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش ئېھتىمالىغا قارشى جىددىي ھالەتكە ئۆتتى

خىتاي يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى يادرو ئەسلىھەلىرىدىن رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش ئېھتىمالىغا قارشى جىددىي ھالەتكە ئۆتتى. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ يادرو قوراللار تەتقىقات تەجرىبىخانىسى ۋە بىر مۇنچىلىغان مەخپىي يادرو ئەسلىھەلىرى سىچۈەننىڭ ميەنياڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر ناھىيە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى ئىدى

يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدىن ميەنياڭدىكى يادرو قوراللار تەجرىبىخانىسى ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىدىن رادىئوئاكتىپ ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىش خەۋپى خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن.

خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، خىتاي مۇھىت مىنىستىرى جاۋ شېنشيەننىڭ ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى سىچۈەندە يەر تەۋرەش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جىددىي يىغىن چاقىرغانلىقىنى، لېكىن ئاپەت رايونىدا ھاۋادىكى رادىئاكتىۋ ئېلېمېنتلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە 1 ‏ - بولۇپ ميەنياڭغا كەلگەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى خۇ جىنتاۋنىڭ ميەنياڭدا يادرو ئەسلىھەلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. لېكىن ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلار يادرو ئەسلىھەلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدىن خەۋەردار ئەرباپلار خۇنىڭ 1 ‏ - بولۇپ ميەنياڭغا كېلىشىنى بۇ جاي يادرو قوراللار بازىسى بولغانلىقىدا، دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ئاپەت رايونىدىكى يادرو ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.