خىتايدا تارقىلىشقا باشلىغان ئەجەللىك بالىلار ۋىرۇسىدا 30 بالا قازا قىلدى

بۇ يىل مارتنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ خىتاينىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە تارقىلىشقا باشلىغان ئەجەللىك بالىلار ۋىرۇسى ھازىرغا كەلگۈچە 30 نەپەر بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، سەھىيە - ساقلىقىنى ساقلاش خادىملىرى بۇ خىل ۋىرۇستا يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ 20 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر پۇت - قول، ئېغىز - بۇرۇن يۇقۇملىنىدىغان بۇ خىل ۋىرۇستا خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدە 180 بالىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنى ئىچىدە ئىككى بالا ئۆلۈپ كەتكەن ھەمدە نەتىجىدە بۇ خىل ۋىرۇستا خىتاي بويىچە ئۆلگەن بالىنىڭ سانى بۈگۈن 30 يەتكەن.

EV71 ياكى ئېنتېروۋىرۇس دەپ ئاتىلىدىغان ۋىرۇس ئادەتتە، پۇت - قول ۋە ئېغىز‏ - بۇرۇن ئەتراپىدا يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈنىدىكەن ھەمدە يۇقۇملىنىش باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر EV71 ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارنى 24 سائەت ئىچىدە دوختۇرغا كۆرسەتمىسە ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 7 مىڭ ئەتراپىغا يەتكەن ھەمدە بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خىتاينىڭ چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇلىيە، ئاۋمېن قاتارلىق ئۆلكە رايونلىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى مەلۇم.