خىتاي ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىنى تاقايدۇ
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.18
2008.07.18
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىكى ھاۋا يوللىرى ساھەسىدىكى ئەرباپلاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، دائىرىلەر بىخەتەرلىك ئامىللىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىنى ھاۋا قاتنىشىغا تاقاشنى قارار قىلغان.
" شاڭخەي ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى" شۇ كۈنى سائەت 20:00 دىن سائەت 24:00 كىچە بولغان 4 سائەتلىك ۋاقىت ئىچىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدىن ھېچقانداق ئايرۇپىلان ئۇچمايدىغانلىقىنى ياكى ھېچقانداق ئايروپىلاننىڭ قونۇشىغا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ سەۋەبتىن 8 - ئاۋغۇست كۈنى شاڭخەيدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان 20 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەن ياكى بىكار قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى بۇنىڭ بىلەن قالماي، بېيجىڭ پۇقرالىرىغا تېرروردىن قوغدىنىش قوللانمىسى تارقىتىپ، ئۇلارنى تېررورچىلىقتىن كېلىدىغان 39 تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپتىن ھۇشيار بولۇشقا ئاگاھلاندۇرغان. بۇ خەۋپلەر پارتلىتىش، ئوت قويۇش، ئېتىش، گۆرۈگە ئېلىش شۇنداقلا خىمىيىلىك، بىئولوگىيىلىك ۋە يادرو ھۇجۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قوللانمىدا " ئەگەر سىز تېررورچىلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنسىڭىز، قول تېلېفۇنىڭىزنى تىقىۋېلىڭ " دەپ تەكىتلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى "شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى" نىڭ ئولىمپىك يىغىنىدا ۋەقە سادىر قىلىش خەۋپى بارلىقىنى، يېقىندا "5 تېررورچى گۇرۇھ" نى پاش قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش بۇ " تېررورچى گۇرۇھلار" غا دائىر بىرەر ماددىي پاكىتنى ئېلان قىلىپ باققان ئەمەس.









