بېيجىڭدا نامايىش قىلىش ئىلتىماسىنىڭ ھېچقايسىسى تەستىقلانمىدى

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك جەريانىدا نارازىلىق نامايىشلىرىغا رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە سۇنۇلغان نامايىش قىلىش ئىلتىماسلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تەستىقلانمىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا، شىنخۇا ئاخباراتىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ 77 پارچە نامايىش قىلىش ئىلتىماسى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، لېكىن بۇلارنىڭ بەزىلىرى قايتۇرۇۋېلىنغان، بەزىلىرى كېچىكتۈرۈلگەن ۋە بەزىلىرى "جەمئىيەت تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزىدۇ" دەپ قارىلىپ رەت قىلغان. نەتىجىدە بۇ نامايىشلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆتكۈزۈلمىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ 1 - كۈنىدىن بۇيان يوللانغان 77 پارچە نامايىش قىلىش ئىلتىماسىنىڭ 3 پارچىسى چەتئەللەردىن كەلگەن ئىكەن.