بېيجىڭدىكى مېھمانخانىلارنىڭ ياتاق باھاسى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىدى
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.08.04
2008.08.04
رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مېھمانخانا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ساياھەتچىلەرنىڭ سانى خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزگەن ۋىزا بېرىشتىكى ۋىزا چەكلىمىسى تۈپەيلى كېمىيىپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئولىمپىك باشلىنىش ئالدىدا بېيجىڭ شەھىرىدىكى 3 - 4 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلاردىمۇ ياتاقلار دېگۈدەك بىكار بولۇپ، خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپىنچە ساياھەتچىلەردە يەنە، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋە بېيجىڭ ھاۋاسىدىكى ئېغىر بۇلغىنىش سەۋەبىدىن سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەش خاھىشى بولغاچقا، بېيجىڭغا بېرىشتىن يالتايغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.









