فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان ئاققۇن ئىشچىلار ئىچىدە ئولىمپىك مۇسابىقە تۈرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا ئىشلىگەن ئىشلەمچىلەرمۇ بار ئىكەن.
مەزكۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بېيجىڭدا ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى يوق بولغاچقا ئۇلار بېيجىڭدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.
ئىككى يىلدىن بېرى ئولىمپىك مەيدانلىرىدا ئېلېكتىر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان دەي فامىلىلىك بىر ئىشچى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلارنى بېيجىڭدا تۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىدىكىلەر بېيجىڭدىكى ئاققۇن ئىشچىلارنى چىقىپ كېتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىقىنى رەت قىلغان.
خەۋەردە يۈەن ئىسىملىك بىر ئىشچىنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭدىن ئايرىلىش ئالدا تۇرغان يۈەن، بۇنىڭدىن ئادالەتسىزلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بېيجىڭنىڭ قىستا - قىستاڭ ۋە مەينەت بولۇپ كەتمەسلىكى ھەمدە ئولىمپىكنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتۈشى ئۇچۇن بېيجىڭدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
خىتايدا ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاققۇن ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقلىرى ئولىمپىككە ئالاقىدار قۇرۇلۇشلاردىمۇ دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئىكەن.