پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭدا سۆز ئەركىنلىكىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى بېيجىڭدا سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى سۆز ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە يەنە بىر قېتىم ئۈندىدى. بۇش بۇ سۆزلەرنى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى يېڭى ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەكىتلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.08

 ئۇ مۇنداق دەيدۇ ": مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىگە يول قويغان جەمئىيەت نورمالدا تىنچ ۋە گۈللەنگەن جەمئىيەتتتۇر". ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆز ‏ - ئارا ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئاساسىدا زىچ مۇناسىۋەت تۇرغۇزغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە خىتاينىڭ سىياسىتىنى يوشۇرماي، تۈزۈت قىلماي تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇش " مەن يەنە بىزنىڭ يەر شارىدىكى ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىزنى ) خىتايغا( ئۈزلۈكسىز تەكىتلەيمەن،" دەيدۇ.

پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن تايلاند پايتەختى بانكوكتا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى زاتلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ۋە دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەنقىدىگە قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ھەر قانداق شەخسنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.