ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى

خىتايدا 1989 ‏ - يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ 19 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم 'تيەنئەنمېن ئانىلىرى' بۈگۈن بېيجىڭدىكى ۋەنئەن قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، بۇنىڭدىن 19 يىل بۇرۇنقى دېموكراتىك ھەرىكەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بالىلىرى ئۈچۈن گۈل قويدى.

رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن مەيدانىنى قاتتىق كونترول قىلغان. تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى، بولۇپمۇ ئادۋوكاتلارنى بېيجىڭدىن يىراققا كەتكۈزۈۋەتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن 19 يىل بۇرۇنقى تيەنئەنمېن ۋەقەسى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەينى ۋاقىتتا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم تىزىملىكىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.