خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان مەزكۇر سۆھبەت نەتىجىسى ھەققىدە دالاي لامانىڭ ۋەكىلى لودى گەررى پىكىر بايان قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە سەمىمىيىتىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇپ،" جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزلىرى ئېيتقان "ئەستايىدىل ۋە سەمىمىي ۋەدىلىرى" كەمچىل بولۇپ، ئەگەر ئۇنداق بولسا، داۋاملىق ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق" دەيدۇ.
دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپ تىبەت تەرەپنىڭ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى جاكارلاش تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەمما، ئۇلار ئولىمپىكتىن كېيىن، يەنى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇچرىشىشقا قوشۇلغان.
تىبەت ۋەكىلى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە رازى بولۇشىنىڭ پەقەت خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى خەلقئارا خاراكتېرلىك ئابرويىنى ئويلاشقانلىقىدىن بولغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تىبەت - خىتاي سۆھبىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان بىر تىبەتلىك زىيالىي " تىبەتلىكلەر بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى مەزكۇر سۆھبەتنى ھەقىقىي يوسۇندىكى سۆھبەت دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنى پەقەت بىر ئۇچرىشىش ۋە ياكى سۆزلىشىش دېگەن دۇرۇس. بېيجىڭنىڭ ھازىرچە تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بېرىش نىيىتى يوق، چۈنكى تىبەتكە بۇ ھوقۇق بېرىلسە، ئۇيغۇرلارچۇ ؟، موڭغۇللار ۋە خۇيزۇلارچۇ؟ ئۇلارغىمۇ بېرىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۆزىنىڭ 50 نەچچە يىللىق ئاپتونومىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك" دەيدۇ.