لوندوندا ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۆلتۈرۈلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.10
2008.08.10
ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىرى ئەر، بىر ئايال بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ۋەھشىي ئۇسۇل بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئۈستىدە تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىغان.
خەۋەردە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، شۇ جايدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر ئەزاسى مەزكۇر جاينىڭ قالايمىقان رايون ئىكەنلىكى، بۇ يەردىكى بىر قىسىم ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دائىم ئەنە باشقىلارغا زەربە بېرىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئەنگىلىيە كۆرۈلگەن خىتايلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر ۋەقە ھېسابلىنىدىكەن.