ئولىمپىك مەشئىلى تانزانىيىگە يېتىپ كەلدى

يەكشەنبە كۈنى 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئافرىقىدىكى بىردىن بىر بېكەت سۈپىتىدە تانزانىيىنىڭ پايتەختى دارىسسالامغا يېتىپ كەلگەن.

مەشئەلنى تانزانىيە مۇئاۋىن پرېزىدېنتى قوبۇل قىلىپ ياندۇرغان ھەمدە 5 كىلومېتىر كۈچ ئۇلاپ يۈگرەش رەسمىيىتى ئورۇنلانغان. بىراق، ئەسلىدە 25 كىلومېتىر يۈگرەش بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن تىبەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇ يەردىمۇ تەكرارلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈگرەش ۋاقتى قىسقارتىلغان ئىكەن.

تانزانىيە خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى ئەڭ قوللىغان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم مەشئەل كۆتىرىشىپ ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىدى.