خىتايدا شەخسلەرنىڭ مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ئۈزلۈكسىز سادىر بولماقتا

شاڭخەينىڭ ۋەيتەن رايونىغا جايلاشقان يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە 3 قەۋەتلىك بىر شەخسى داچا پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتى بۇيىچە چىقىپ تاشلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.05

 ئىستانسىمىزغا ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ مەزكۈر قىلمىشىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن داچا ئىگىسى لىڭ خانىم 5 ‏ - ئىيۇن ئەتىگەندە 100دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئۆي ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆينى چىقىپ بىر تەرەپ قىلىش رەسمىيىتىگە قول قويمىغان ئەھۋال ئاستىدا، 80 ياشلىق ئاتىسى ۋە 75 ياشلىق ئانىسىنى ئۆيدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ ساقچى ئاپتوموبىلىغا سولاپ قويغاندىن سىرت، ئۆي ئىگىلىرىگە تەئەللۇق جابدۇق - سايمانلارنى سىرتقا قالايمىقان تاشلىۋەتكەن.

يول ئۈستىدىكى ئادەملەر ئۆي چىقىش خادىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قاراقچى ۋە فاشىستلارغا ئوخشاتقان. 100 يىللىق تارىخقا ئىگە كونا قۇرۇلۇش پاسونىدىكى داچا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە تارتىۋېلىنغان بولۇپ، كېيىن ئۆي ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. ئۆي چىقىشقا مەسئۇل ئورگاننىڭ ئۆي ئىگىلىرىگە ئۆينى ئۆزىنىڭ ئەسلى قىممىتى بۇيىچە باھالىماي، ھەر كۋادرات مېتىر يەرگە 12 مىڭ يۈەن پۇلنى ئاز ھېسابلىغان.

گەرچە خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 1 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان " مال - مۈلۈك قانۇنى" بۇيىچە شەخسىگە ئائىت مال ‏ - مۈلۈكلەرنىڭ قانۇن بۇيىچە قوغدىلىدىغانلىقى قارار قىلىنغان ئىدى. ئەمما ۋەتەندىكى بۇ داچا ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز چىقىپ تاشلانغان.
لىڭ خانىم ئىستانسىمىزغا بۇ ۋەقە ئۈستىدىن ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.