خىتاي ج خ مىنىستىرى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ 3 خىل تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى Meng Hongwei بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ 3 خىل تەھدىتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇ بۇ 3 خىل تەھدىتنى،" خەلقئارالىق تېررورچىلار، شەرقى تۈركىستان تېررورچىلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ۋەھشىي ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر " دەپ كۆرسەتكەن.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مىنىستىر مېڭ خۇڭۋېينىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى. دىلشات رىشىت سۆزىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

مىنىستىر مېڭ خۇڭۋېي ئۈچ خىل تەھدىتكە قارىتا ئەندىشىسىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 12 ‏ - قېتىملىق يىغىنىدا بايان قىلدى. ئۇ سۆز ئارىسىدا يەنە، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ يېقىندا ئىنتېرنېت تورلىرىدا بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرنىمۇ ئولىمپىكقا تەھدىت كۆرسىتىشى تۇنجى قېتىمدۇر.