خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ھارپىسىدا چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى خەلق ئارىسىدا مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىن ئېلىش ئۈچۈن، يەرلىك ئەمەلدارنى نامايىش ۋە باشقا شەكلىدىكى ھەر قانداق قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بۇيرۇقىنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقان جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك، كەڭ تارالغان چىرىكلىك ۋە ناچار ئەدلىيە سىستېمىسى تۈپەيلى ھەر زامان مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن بولغان نارازىلىقلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.

بۇيرۇقتا خىتاي مىقياسىدىكى بارلىق ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە سېكرىتارلىرىنى ئۆز تەۋەلىكىدە مەيدانغا كەلگەن ھەر قانداق ئەرزىيەت ۋە نارازىلىق دەۋالىرىنى ھەل قىلىنغۇچە ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئولىمپىك ئالدى - كەينىدە جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى خىتاينىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا بېيجىڭدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ھەر تۈرلۈك چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئىلى ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى تەۋەسىدە، ئىلگىرى سىياسىي ۋە دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار جىنايەتلەر ئارتىلغان، ئەمما تۈرمىدىن مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىمۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ھەتتا بەزىلىرىنى قايتىدىن نەزەر بەند ئاستىغا ئېلىش تەدبىرلىرى ئېلىنغان.