خىتاي ھەربىي ئەمەلدارى بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغان خەتەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ما شياۋتيەن يەكشەنبە رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ما شياۋتيەن سۆزىدە خەلقئارادىكى تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ زورىيىشى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بۇندىن بۇرۇنقى ئولىمپىكلارغا سېلىشتۇرغاندا ئېغىر دەرىجىدە بىخەتەرلىك خەتىرىگە دۇچ كەلتۈردى دەپ بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىگە تەھدىت دەپ قارىغان تېررورچىلار گۇرۇھىنىڭ نامىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ئايدىكى باياناتىدا، ئوخشاشلا خىتاينىڭ تېررورلۇقنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۆزلىرىگە خاتىرجەملىك بەرمەيۋاتقان تېررورچىلار گۇرۇھىنىڭ شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئالدىنقى ئايدا يەنە، خەلقئارا ساقچى ئورگىنىنىڭ باشلىقى رونالدا نوبېل ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئادەتتە ئولىمپىكنىڭ تەبىئىتىدە بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇتلۇقىنى، چۈنكى پۈتۈن دۇنيا كۆزىنى تىككەن بۇ مەزگىلنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان گۇرۇپپىلار ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭمۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش خەۋپى بارلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. رونالدا نوبىلنىڭ بىلدۈرگىنىدەك، 1972 ‏ - يىلىدىكى ميۇنخېن ئولىمپىكىدا بىر پەلەستىنلىكنىڭ ھۇجۇمىدا 12 نەپەر ئىسرائىل پۇقراسى ئۆلگەن. 1996 ‏ - يىلىدىكى ئاتلانتا ئولىمپىكىدا بومبا پارتلاش يۈز بېرىپ بىر كىشى ئۆلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولغان.

خىتاي ئولىمپىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئېلىشنىڭ يولى باشقىلارنى ئەيىبلەش ئەمەس، سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.