خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، مىللي بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتلىرىدىن بولغان تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، ئەنگىلىيە پۇقراسى دېچىڭ بيەنبانىڭ تىبەتتە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللانغانلىقى، ئۇنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ليۇ جەنچاۋ سۆزىدە يەنە، دېچىڭ بيەنبانى سوراق قىلىش جەريانىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىغا ئىقرار قىلغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ چېگرىدىن چىقىرىۋېتىلىشىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ ئارىدا رويتېرس ئاگېنتلىقى، لوندونغا قايتىپ كەلگەن دېچىڭ بىيەنبانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ليۇ جەنچاۋنىڭ سۆزلىرىنىڭ ناھايىتى كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن تەڭ، ئۆزىنىڭ تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، ئولىمپىككە بىر ئاي مۇددەت قالغان مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەردە ئۆسكەن ياۋا گىيالارنىمۇ ئۆزلىرىگە قارىتىپ تىكلەنگەن ئاپتوماتقا ئوخشىتىپ، ئالاقزادىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، چەتئەللەردىن كەلگەن ھەر قانداق بىر تىبەتلىكنىڭ ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىدىغان دۈشمەنگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.