بېيجىڭ ئولىمپىكى، ئاللىقاچان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بىر ھادىسە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.03
2008.05.03
ئەمما بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا 95 كۈن قالغان بولسىمۇ، خەلقئارادا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك بىر ھادىسمۇ ياكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بىر تەنھەرىكەت يىغىنىمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تالاش - تارتىشلار ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن.
نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىچىلەر، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئاللىقاچان، مەغلۇب بولغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە تىبەت ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، ئاللىقاچان خىتاي رەھبەرلىرىنى ئوڭايسىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
ياۋرۇپا دۆلەتلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، جاكارلىدى. بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر بولسا، خىتاي تاماقلىرىنى يېمەيدىغانلىقىنى، ئولىمپىك جەريانىدا يەيدىغان يېمەكلىكلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بىلدۈردى. خەلقئارا ئولىمپىك دائىرىلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى بولسا، ھازىرغىچە بېيجىڭدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش ۋەزىيىتىدىن بىئارام.
بىر خىتاي مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي خەلقىنى تىبەت مەسىلسىدە قاتتىق بىر پوزىتسىيىدە بولۇشقا ئۈندىگەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى، خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ قويغان.
يەنە بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك جەريانىدا، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تەنقىد ئارىلاشقان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشكە تەييار ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئولىمپىك جەريانىدا يەنى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتى خىتايغا بۇرالغان بىر مەزگىلدە، تۈرلۈك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق كۆرمەكتە.
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ھەرىكەتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇشى ئېنىق ئىكەن.









