يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىن يەر شارىغا تارقالماقتا

تەتقىقاتچىلار يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھەر يىلى شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىن باشلىنىپ يەر شارىغا تارقىلىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، مەزكۇر رايونلاردا كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى، زۇكام ۋىرۇسى تارقاپ كېتىپ يۇقۇملىنىش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبىي ئامېرىكىدا مەزكۇر ۋىرۇستا ھەر يىلى نەچچىلىگەن ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاسىيا رايونىدىن تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسلىرىنىڭ تىپى ھەر يىلى ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەمما باشقا قىتئەلەرگە كۆچكەندە بۇ ۋىرۇسلارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ بارىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەزكۇر ۋىرۇسىنىڭ ھەر يىلى دۇنيا بۇيىچە 250 مىڭدىن 500مىڭغىچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى مەسئۇل خادىم دوكتۇر مايكېل شاۋ ھازىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم رايونلاردا زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئىزىنى قوغلاپ كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرما، لائوس ۋە كامبودژالارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.