شاڭخەي گېزىتىنىڭ 1 - ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭلىق ۋە ياڭ فامىلىلىك 28 ياشلىق خىتاي، ئۆتكەن يىل ۋېلىسىپىت ئوغرىلاپ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۆچ ئېلىش مۇددىئاسىدا ئالدى بىلەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىشىكىگە ئوت قويغان، قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ساقچى ئىدارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان.
شاڭخەي گېزىتى جىنايى ئىشلار قانۇن ئادۋۇكاتىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ياڭنىڭ سۈيىقەست بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سادىر قىلغان دەپ قارىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتايدا پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ھارپىسىدا، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل ۋەقەلەر سادىر بولۇپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق ساراسىمغا سالماقتا.
تېررورلۇق ھۇجۇم شەكلىنى ئالغان مەزكۈر جىنايەتنىڭ، سۈيىقەست بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، خىتايدا بۇ خىل تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.