بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك ساقچى تارماقلىرى تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شاڭخەينىڭ ياڭپۇ رايونىدا قاتنايدىغان 842 - نومۇرلۇق ئاپتوبۇستا، ئەتىگەن سائەت 9 لار ئەتراپىدا ئوت كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى، ھادىسىدە 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 12 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، ئوت كېتىشنى بىر يولوچى ئېلىپ چىققان "ئاسان كۆيىدىغان بۇيۇم" كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ساقچى دائىرىلىرى يارىلانغان ئادەم سانىنى 12 نەپەر دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما شاڭخەيدىن چىقىدىغان يەرلىك گېزىت: "ئازادلىق گېزىتى" يارىلانغان ئادەم سانىنىڭ 20 نەپەردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ھادىسىسى يۇز بېرىشتىن ئىلگىرى ئاپتوبۇستا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ،، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا 50چە يولۇچى بار ئىكەن.
ئەمما، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋەقەگە شاھىد بولغۇچىلار ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
