شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى

يېقىندا شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە 2007 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگىمۇ كۆپ ئورۇن بېرىلگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.05.26

 دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىسىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949 - يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىگە پىلانلىق نوپۇس يۆتكەش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكى نەتىجىدە، بۇ رايوندىكى خىتايلار نوپۇسىنىڭ ئىلگىرىكى 6 پىرسەنتىدىن بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر رايوندىكى كۆپ سانلىق مىللەت ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتنىڭ خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىگە ئېنىقلىما بېرىلگەن قىسىمدا، خىتاينىڭ بىر دىكتاتور دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ دۆلەتتە خەلقنىڭ سۆز - پىكىر، دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن مۇستەسنا ھالدا ياشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلات 21 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خىتايغا قارىتىلغان قىسىمىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر تىلغا ئېلىنغان قىسىمدا، بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.