پرېزىدېنت ما يىڭجۇ: " تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدۇ "
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.20
2008.05.20
گەرچە مايىڭجۇ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەننىڭ تەيۋەننى مۇستەقىل بىر دۆلەت قىلىش سىياسىتىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بىلەن قايتىدىن بىرلىشىش پرىنسىپىغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ، مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، بىز ھەم مۇستەقىللىقنى، ھەم قايتىدىن بىرلىشىشنى ھەمدە ۋە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى رەت قىلىدىغان بىر سىياسەت ئېلىپ بارىمىز، دېگەن.
ما يىڭجۇنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمى جەريانىدىكى شۇئارى خىتاي بىلەن، بولۇپمۇ ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەت قىلىش ئاساسىغا تايانغان ئىدى. لېكىن ئۇ يېقىنقى ھەپتىلەردە بەرگەن باياناتلىرىدا تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.
ئۇ، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەر ئىككى تەرەپ خەلقلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.









