تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئوق تېگىپ ئۆلگەن ئادەم سانى 30 مىڭدىن ئاشقانلىقى مەلۇم

'بوشۈن خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 30 يىلدىن بۇيان ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رېڭ ۋەندىڭ ئەپەندى 11 يىللىق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن خوڭكوڭغا ۋە خوڭكوڭ ئارقىلىق ياۋروپاغا بېرىپ زىيارىتىنى باشلىغان.

رېڭ ۋەندىڭ ئەپەندىنىڭ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئاشكارىلىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتابى 1989 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانىنى بىر قېتىم ئاشكارىلىغان ئىكەن.

رېڭ ۋەندىڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى باش شىتابى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا 6 ‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنىدىن 10 ‏ - كۈنىگىچە مىلتىق ئوقىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 31 مىڭ 978 دېيىلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رېڭ ۋەندىڭ ئەپەندى زىيارەت جەريانىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۆتكەن ئەسرنىڭ بېشىدا موسكۋاغا چۇقۇنغانلىقى؛ ئەسر ئاخىرىغا كەلگەندە، خىتايدا دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان خەلقنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە بولغان چۇقۇنۇشىنى توسۇش مۇمكىن بولمىغانلىقى؛ بۇ جەرياندا خىتايدا چوڭ ئىنقىلاب يۈز بەرگەنلىكى، بۇ چوڭ ئىنقىلابتا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئارزۇ قىلىدىغان خەلقنى باستۇرغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تارىخنى كۆمۈپ تاشلىماقچى بولغانلىقىغا دائىر ئۆزى بىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان.