خەلقئارا ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى خىتاي ژۇرنالىست لى چاڭچىڭغا ئاخبارات ئەركىنلىكى مۇكاپاتى بەردى

ئۈچ كۈن داۋام قىلغان دۇنيا ئاخباراتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا ئاخباراتچىلىرى قۇرۇلتىيىدا خىتاي ژۇرنالىست لى چاڭچىڭغا ئاخبارات ئەركىنلىكى بۇيىچە ئالتۇن قەلەم مۇكاپاتى بېرىلدى.

لى چاڭچىڭ خىتايدا تارقالغان خەتەرلىك قىززىتما كېسىلىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغىنى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن 2 يىللىق قاماق جازاسىغا يولۇققان ۋە بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. نۆۋەتتە ئۇ يەنىلا خىتايدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ شىۋىتسىيىگە كېلىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىشى دۆلەتنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان.

ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى مۇھاجىرەتتىكى خىتاي يازغۇچىسى لى جيبەنخۇڭ ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش پۇرسىتىدە، پاسپورت ئالالمىغىنى ئۈچۈن يىغىنغا كېلەلمىگەن مۇكاپات ساھىبىنىڭ مەكتۇپىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. مەكتۇپتا خىتايدىكى مۇخبىرلىق ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: " خىتايدا ياخشى مۇخبىر بولۇش ئۈچۈن يالغۇز بىلىملىك بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى تەۋەككۈلچى بولۇش كېرەك يەنى خەتەرگە كۆكرەك كېرىيەلىشى كېرەك."

بۇ، خىتاي مۇخبىرلىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئاخبارات مۇكاپاتى بېرىلىشى بولۇپ، 2007 ‏ - يىللىق مۇكاپات خىتايدىكى مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شى تاۋغا بېرىلگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى دۇنيا ئاخباراتچىلىرى قۇرۇلتىيىغا 1800 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.