خىتاي كۈنمىڭدا ئېچىلىدىغان خەلقئارا ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە قۇرۇلتېيىنى كېچىكتۈردى

خىتاي دائىرىلىرى 7 ‏- ئايدا خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئېچىلىدىغان دۇنيا ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىلمىي قۇرۇلتېيىنى تۇيۇقسىز كېچىكتۈردى، لېكىن قۇرۇلتاينىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبىگە چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.07

 بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققەت نەزىرى ئولىمپىك جەريانىدا يۈز بېرىدىغان تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچىلار، دىنىي ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقى، ئەمما بۇ قېتىم ئانتىروپولوگلار ۋە ئېتنىلوگلارنىڭ بۇ تىزىملىككە ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتايدىكى يىغىننى تەشكىللىگۈچى تەرەپ قۇرۇلتايغا ساھىپخانلىق قىلىشتىن تۇيۇقسىز ۋاز كەچكەن. بۇ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان، ئەمما ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن بىكار قىلىنغان ياكى كېچىكتۈرۈلگەن بىر قاتار خەلقئارا يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە ئىلمىي بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى پېتېر ناس، بۇنىڭدىن خوشال بولمىغانلىقىنى شۇنداقلا خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. خىتاي ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دۇنيا ئانتوروپولوگىيە بىرلەشمىسىگە يازغان خېتىدە، "مۇرەككەپ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش تەس بولغانلىقتىن قۇرۇلتاينى پىلانلانغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمىدى " دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن خەتتە "ھەل قىلىنىشى تەس بولغان مۇرەككەپ قىيىنچىلىقلار"نى چۈشەندۈرمىگەن.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سوتسىئولوگى جاڭ جىجاۋ بولسا ئۆزىدە يىغىننىڭ نېمە ئۈچۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىش ئەركىنلىكى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قۇرۇلتاينىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبلىرىگە ئىزاھات بەردى. خەۋەردە كۈنمىڭدىكى قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سەزگۈر مەسىلىلەر بولۇپمۇ ، مىللىي ۋە تىل جەھەتتىكى پەرقلەر، تارىخ ۋە ئارخىلوگىيىلىك مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە تىل سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى يازدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.