مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ۋەقە 3 - ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى چېڭدۇ شەھىرى ۋېنجياڭ ناھىيىسى يۇڭلىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى يۇڭلىن يېزىلىق ھۆكۈمەت مەزكۇر يېزا تەۋەسىدىكى شىنجۇاڭ كەنتىدە تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق خادىم ئاجرىتىپ دېھقانلارنىڭ كۆكتات ئېتىزلىرىنى تۈزلەشكە ئۇرۇنغاندا، ئېتىزلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىركەشكەن دېھقانلار ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
مەزكۇر يېزىدىكى بىر دېھقاننىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، يېزىلىق ھۆكۈمەت توپا ئىتتىرىش تراكتورى ۋە 70 - 80 چە ئادەمنى ئىشقا سېلىپ يۇڭلىن كەنتىدىكى دېھقانلارغا مەسلىھەتمۇ سېلىپ قويماستىن كۆكتاتلىقلارنى تۈزلەشكە كەلگەن ۋە بۇ ئىشقا قارشى توقۇنۇشقان دېھقانلارنى ئۇرغان بولۇپ، ھازىر بەش ئادەم ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يۇڭلىن يېزىسى شىنجۇاڭ كەنتىدە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش پىلانى سەۋەبلىك يەرلىك دېھقانلار بىلەن ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئارىسىدىكى تېرىلغۇ يەر دە تالىشى 2003 - يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي مىقياسىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قالايمىقان ئېگىلىۋېلىشىغا ئالاقىدار ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.