خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بېنزىن بىلەن دېزىل مېيىنىڭ باھاسىنى %16 دىن %18 ئۆستۈرگەندىن كېيىن، بۇ تەڭشەش پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىدا ئىنكاس قوزغاپ، ھەر بارىل خام نېفىتنىڭ باھاسى شۇ كۈنى 5 دوللار چۈشتى شۇنداقلا خىتاينىڭ شاڭخەي، شېنجېن ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى باھاسى ئۆرلىدى.
خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېچىلىدىغان خەلقئارا نېفىت يىغىنى باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەنە خىتاي - ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتى ئەمدى ئاخىرلاشقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئېنېرگىيە مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئانناپولىس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆھبىتىدىكى مۇھىم مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. يىغىندا ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ياردەم پۇلىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كارخانىلىرىغا بېرىدىغان ئېنېرگىيە ياردەم پۇلى، كارخانىلارنىڭ نېفىت ۋە گازنى باھاغا قارىماي سېتىۋېلىشىغا يول ئېچىپ، دۇنيا بازىرىدا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ قىزىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولغان. خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ قارارى بۇيىچە بىر توننا دېزىلنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6520 يۈەن، بېنزىننىڭ باھاسى 6980 يۈەنگە چىققان. بۇ دېگەنلىك بىر لىتىر دېزىل 92 تىيىن، بېنزىن 80 تىيىن ئۆرلىدى، دېگەنلىكتۇر.