خىتاي مۇشەررەفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنىڭ پاكىستان ‏- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنى كۈتمەكتە

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 19 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئىستىكىدە بولماقتا.

خەۋىردە، 19 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ،پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنىڭ، پاكىستاننىڭ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنى ئۆمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇ" مۇشەررەپ دەۋرىدە ئورنىتىلغان ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالەتتە داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز " دېگەن.

پەرۋىز مۇشەررەپ دۈشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. خىتاي بىلەن پاكىستان ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە، مۇشەررەپ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش يولىدا ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولغان. بىراق بۇ قېتىملىق بېيجىڭ ئولىمپىكى پاكىستان پارلامېنتىنىڭ پەرۋىز مۇشەررەفنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان پەيتىگە توغرا كەلگەچكە، مۇشەررەپ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان.

مۇشەررەفنىڭ خىتايغا قىلغان ئاخىرقى زىيارىتى بۇ يىل ئاپرىلدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. خىتاي پاكىستاننىڭ يادرو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن شۇنداقلا ئىككى دۆلەت بۇ يىلدىن باشلاپ بەش يىلغا قەدەر جەمئىي 15 مىليارد دوللارلىق ئەركىن سودا ئېلىپ بېرىشقا كېلىشكەن ئىدى.

مۇشەررەف خىتاي ‏- پاكىستان مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ تەرەپ، پاكىستانغا ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پاكىستان چېگرىسى ئىچىدە يوشورۇنۇشىغا يوچۇق بەرمەسلىك ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىپ كەلدى.