خىتاي ب د ت نىڭ سۇدانغا يۈرگۈزگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلغان

برىتانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ب ب س خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ب د ت نىڭ سۇدانغا يۈرگۈزگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ دارفۇر رايونىدىكى ھەرىكىتىگە ھەربىي ياردەم بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ب ب س نىڭ "كۆزنەك" پروگراممىسىدا ئىسپاتلىشىچە، ئۇلار دارفۇر رايونىدىن خىتايدا ئىشلەنگەن ھەربىي ئاپتوموبىللارنى بايقىغان بولۇپ، بۇ ھەربىي ئاپتوموبىللار 2005 ‏ - يىلى سۇدانغا ئېكسپورت قىلىنغان ئىكەن. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە يەنە، خىتاينىڭ ئىلگىرى سۇدانغا ئېكسپورت قىلىنغان چياڭ ‏5 ‏ - تىپلىق ھۇجۇمچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ بەرگەنلىكى، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ دارفۇر رايونىدا ئۇچۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىغان ئايروپىلانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھەرىكىتى ب د ت نىڭ سۇدانغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپ، دەپ قارالماقتا. ب د ت ئىمبارگو قارارىدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دارفۇر رايونىدا توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر بىلەن ھەربىي ئالاقە ۋە قورال - ياراقلار سودىسى ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەن ئىدى.

ب د ت نىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، دارفۇردا توقۇنۇش پارتلىغاندىن بېرى 300 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلگەن. خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى بولسا سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل - بەشىرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنساندارچىلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ب ب س نىڭ خەۋىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلغان، لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى ب ب س نىڭ خەۋىرىنى خىتايغا " قارا چاپلاش" شۇنداقلا "يامان غەرەزلىك" دەپ ئەيىبلىگەن.