تيەنئەنمېن قۇربانلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىندى

1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان شام يېقىپ ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىنغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيىسى ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيىسى بۇ مۇراسىمنىڭ سىچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان كىشىلەرگە ماتەم بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭدا 4 - ئىيۇن قۇربانلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ماتەم بىلدۈرۈش مۇراسىمى خوڭكوڭغا جايلاشقان ۋىكتورىيە باغچىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە ئىككى سائەتلەرچە داۋام ئەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە مۇراسىم بېشىدا ئۆتكەن ئايدا سىچۇەندىكى يەرتەۋرەشتە ئۆلۈپ كەتكەن 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىلەرگە بىر نەچچە سىكۇنت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بولسا 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش ئىكەن.

1989 - يىلى 15 - ئاپرېلدىن باشلاپ بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار نامايىشى شۇ يىلى 4 - ئىيۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكىرى كۈچ ئىشلىتىپ قانلىق باستۇرۇشى بىلەن خاتىمىلەنگەن ئىدى.

مەزكۇر باستۇرۇشتا نۇرغۇنلىغان نامايىشچى ئوقۇغۇچى ۋە بىگۇناھ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ۋە خىتاي قىزىل كرېسىت جەمئىيىتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىككى مىڭدىن ‏ - ئۈچ مىڭغىچە ئىكەن.