تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ۋىنسىن سېۋ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشتى

تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ۋىنسىن سېۋ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشتى. بۇ ئۇچرىشىش، 60 يىلىدىن بىرى خىتاي بىلەن تەيۋەن ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئىككى تەرەپ ئاساسەن تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

12 كىشىلىك بىر تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋە 22‏ - مارت كۈنى تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا، تەيۋەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە ئايلانغان سېۋ، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتى، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە ھەم تەيۋەن ھەم خىتاي خەلقلىرىنىڭ ئىقتسادىي ئەھۋالىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشىدۇ" دېگەن

تەيۋەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ما يېڭ جۇ ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ۋىنسىنت سېۋ 20‏ - ماي كۈنى رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.