خىتاي بىلەن تەيۋەن كېلىشىم ئىمزالىدى

خىتاي بىلەن تەيۋەن جۈمە كۈنى بېيجىڭدا، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ئايروپىلان قاتنىشىنى كۈپەيتىش شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم بىر كېلىشىم ئىمزالىدى.

لېكىن خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان، چىيان پېڭ كۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، جۈمە كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.

كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدىن كېيىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقان تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەئىسى، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خۇ جىنتاۋ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى جەريانىدا، تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشى مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خۇ جىنتاۋ " بۇ مەسىلسىدە تەيۋەن ۋە خىتاي ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان بىر يول تېپىشى كېرەك دېگەن."

تەيۋەن بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش، 1999‏ - يىلىدىن بىرى ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىش ھېسابلىنىدۇ. پەيشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ پايتەختىدە دائىمىي ئىش بېجىرىش ئىدارىسى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشكەن ئىدى.