ئامېرىكىدىكى بىر خىتاي قىز ئوقۇغۇچى تىبەتلەرگە ھېسداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولاينا شتاتىدىكى ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان ۋاڭ چيەنيۈەن ئىسىملىك بىر خىتاي قىز ئوقۇغۇچى، تىبەت خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىش ھوقۇقى بار، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتايلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

بۇ يىل 20 ياشلاردىكى ۋاڭ چيەنيۈەن خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ تىبەتلەرگە ھېسداشلىق قىلغانلىقى ۋە ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تىبەتلەرنى قوللايدىغان بىر ساۋاقدىشىنىڭ مايكىسىغا " تىبەتكە ئەركىنلىك " دېگەن خەت يېزىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپتىكى خىتاي ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن "ۋەتەن خائىنى" دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ قورشاپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ديۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋاڭ چيەنيۈەننىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى تور بېتىدە ئېلان قىلىۋەتكەندىن كېيىن، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تور بەتلىرىدە ۋاڭ چيەنيۈەنگە قارشى ھۇجۇم باشلانغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ چىڭداۋدىكى ئاتا - ئانىسىمۇ ئىغۋاگەرچىلىك ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان. ئۇ رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئۆزىنىڭ تىبەتنى جۇڭگو زېمىنى، دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن تىبەت خەلقىغە ئادىمىگەرچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى چۈشىنىش كېرەك، دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئەتراپى ۋە تور بېتىدىكى خىتايلارنىڭ ئۆزىگە قاراتقان قەھرى غەزىپى ۋە ھۇجۇمىنى " مەدەنىيەت ئىنقىلابى"غا ئوخشاتتى ھەم خىتاي خەلقىنىڭ بۇ خىل غەيرى پىسخىلوگىيىلىك روھى ھالىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.