خىتاي چەتئەللىكلەرگە خىتايغا كىرىش ۋىزىسى بېرىشنى قىيىنلاشتۇردى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.05.06
2008.05.06
بىر قانچە ئايدىن بېرى، چەت دۆلەت پۇقرالىرى، بولۇپمۇ چەت دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغقان يوقلاش ياكى تىجارەت ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە بارىدىغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى ھەتتا بەزى كىشىلەرگە ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەيلا، ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
سەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىڭ گاڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بېرىش جەريانى ۋە رەسمىيەتلىرىنى قېيىنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىمىزگە، شۇنىڭدەك خىتايدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق بىر چەكلىمە قويغانلىقىنى، بۇ چەكلىمىلەرنىڭ بىر مۇددەتكىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ چەتئەللىكلەرگە خىتايغا كۆپ قېتىم كىرىش ۋىزىسى بېرىشنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق سودا ۋە تىجارەت ۋەكىللىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەت ئەۋەتىپ، ۋىزا مەسىلىسىدە يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا - تىجارەتكە ئېلىپ كىلىدىغان سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە ئۆز ئەندىشىلىرىنى بايان قىلغان.









