"خىتاي ياشلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" ۋاڭ چيەنيۈەنگە بېرىلدى

89 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىدىن كېيىن چەتئەلگە سەرگەردان بولۇپ چىققان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدا تەسىس قىلىنغان "خىتاي ياشلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" 2 - ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى، 8 - نۆۋەتلىك مۇكاپات ساھىبىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، "ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى"دە خەۋەر قىلىنىشچە، بۇ نۆۋەت مەزكۇر مۇكاپاتقا نائىل بولغۇچى ئامېرىكا دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئاسپىرانت ۋاڭ چيەنيۈەن ئىكەن.

ۋاڭ چيەنيۈەن ھازىر شىمالىي كارولىنا شتاتىغا جايلاشقان دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 4 - ئايدا ئولىمپىك مەشئىلى ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەندە، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت ئوقۇغۇچىلار بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قوللىغۇچى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا كېلىشتۈرۈش رولىنى ئۆتىگەن ھەمدە شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن "خائىن" دەپ ھاقارەتلەنگەن ئىدى.

"ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى"دە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي ياشلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ھەمدە 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن دېموكراتىيە نامايىشىنى باش بولۇپ تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىر بولغان ۋاڭ دەن، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ۋاڭ چيەنيۈەنگە بېرىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ۋاڭ چيەنيۈەننىڭ ھاقارەتلەنگەن بولسىمۇ، ئۆز ۋىجدانىي تونۇشىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە: "مەنچە بۇ بىر ئاقىلانە ۋەتەنپەرۋەرلىك بولۇپ، ۋەتەننى ھەقىقى سۆيگەنلىكتۇر " دېگەن.

خىتايدىكى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە كىشىلىك ھوقۇقنى غايە قىلىپ تىرىشىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرگە بېرىلىدىغان" خىتاي ياشلىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى" 2001 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 8 نۆۋەت تارقىتىلدى.